+MORE通知公告
观郑州市中小学生教育生产实践基地有感
编辑:韦德国际1946手机版  日期:2011-11-18 来源:伟德betvicror官网

<< جېڭجۇ شەھەرلىك مائارىپى ئەمىلى مەشخۇلات ئارقىلىق تەربىيىلەش بازىسى>>نى كۆزدىن كەچۈرۈشتىن تەسىرات

                                  观郑州市中小学生教育生产实践基地有感

قۇمۇل شەھەرلىك راھەتباغ ئوتتۇرا مەكتەپ   (دىلىشات كېرەم)

哈密市花园中学     地里夏提·克然木

تۈنۈگۈن(2011.11.16)مەكتەپ بىزنى جېڭجۇ شەھەرلىلك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ<<مائارىپ تەربىيىلەش بازىسى>>نى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ئېلىپ باردى.50-60كىلومېتىر يېشىللىققا پۈركەنگەن يولنى 1.5سائەت دىگەندە ئاران بېسىپ بولدۇق، سەۋىۋى يامغۇر يېغىپ ئەتراپ يەنە تۇمانلىق ئىدى. بىز بارغان جاي بۈك-باراقسان يېشىللىققا پۈركەنگەن تاغلىق كەنت ئىكەن،تاغ قاپتىلىنى ئايلىنىپ كەنتتىن ھالقىپ ئۆتكىنىمىزدە ئالدىمىزدا قەد كۆتۈرگەن بىنالار چوقچىيىپ تۇراتتى. يېققىن بولغاندا مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ تونۇشتۇرىشىدىن بىلدۇقكى بۇ ئورۇن 2002-يىلدىن باشلاپ مەبلەغ سېلىنىپ قۇرۇلۇشقا تۇتۇنغان. بۇ تەربىيىلەش بازىزىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساسلىقى جېڭجۇ مائارىپ تارماقلىرىنىڭ 2000-يىلى شاڭخەيدىكى <<مائارىپ تەربىيىلەش بازىسى>>نى كۆرگەندىن كېيىنكى ئىلھامى تۈرتكە بولغان بولۇپ،بۇ جەرياندا جېڭجۇ شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ،يەر سېتىۋېلىش مەبلىغىنى ساقلاپ تۇرمايلا،ئىجارىگە يەر ئېلىپ ئىشنى باشلىۋەتكەن. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىش خېنەن تەۋەسىدە ناھايىتى قىزغىن ئەۋج ئېلىپ جاي-جايلار بۇ خىلدىكى بازىنى قۇرۇشقا باشلىغان. ھازىر خېنەن تەۋەسىدىكى شەھەرلەرنىڭ ھەر بىرىدە بىردىن بازا قۇرۇلۇپ بولۇنغان.

   مەقسەت:1.ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلارنى ئائىلىدىن ئايرىپ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تۈرلۈك نۇتۇق پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا ئاتا-ئانىلىرىغا نىسبەتەن مىننەددارلىق تۇيغۇسىنى  تىكلەپ چىقىش.

  2.دالا مەشقى(8-10كىلومېتىرلىق)،ئىگىز نۇقتىدىن سەكرەش،تاغقا يامىشىش،تەخمىن3مېتىر ئىگىزلىكتىكى سىمونت تامغا ئوپچە ھەمكارلىشىپ يامىشىپ چىقىش.تامىقىنى ئۆلىرى ئېتىپ يىيىش، مۇئەللەقتە ئېسىلىپ تۇرۇپ خەتەرلىك ھەركەتلەرنى ئورۇنلاش…قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇلاردا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئېڭى،ھەمكارلىق ئېڭى شۇنداقلا جاپاغا چىداش قابىلىيىتىنى كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلدۇرۇپ چىقىش ئىكەن.

3.بازا ئورنى يەنە نۇرغۇن يېڭى تېخنىكىلىق مەشخۇلاتلار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخنىكا مەسىلىلىرىنى چۈشىنىش ۋە ئىگەللىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئۇلارنىڭ تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىشى شۇ ئاساستا كەشپىيات-ئىختىرالارغا يېتەكلەش ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن. بۇنىڭدا ئاساسلىقى :ماشىنا ماتورىنىڭ رەڭلىك يالتىراقلىق مودىلى،ماشىنا ئادەمنى چۈۋۈپ-قۇراشتۇرۇش،ئېلىكتىرونلۇق ماشىنا ئادەمنىڭ ھەركەت قانۇنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئۈسكۈنە،قول بىلەن تۇتسا قىلچە زەخمە يەتمەيدىغان يېڭى تېخنىكىلىق ياغاچ ھەرىلەش ماشىنىسى،لازىر نۇرلۇق چالغۇ،پاسكىنا سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ مەشخۇلات مودىلى،قىرىش ئىستانوكىنىڭىڭ كىچىكلىتىلگەن نۇسخىسى،لېفىتنىڭ مەشخۇلات قانۇنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان مودىل،شوپۇرلۇق تېخنىكىسىنى ئۈگۈنۈش ئېلىكتىرونلۇق ماشىنىسى يەنە تۈرلۈك بالىلار ئوزى قول سېلىپ ياسايدىغان ئۈسكۈنە-ماتىرياللار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك تولۇق بولۇپ،ئوقۇغۇچىلار يىلدا بۇ يەرگە كېلىپ ناھايىتى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگۈنۈپ قايتىشىدىكەن.

4 .پائالىيەت تەرتىۋى:تولۇقسىز سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى 3كۈن،تولۇق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەپتە كۈن ئىكەن. ئوقۇغۇچىلار ھەر يىلى بىر قېتىم قاتنىشىدىكەن. شۇنداق بولغاندا ئاندىن جېڭجۇ شەھرىدىكى بارلىق مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى يىلدا بىر چېنىقتۇرۇش ۋەزىپىسى ئورۇنلانغان بولىدىكەن.

   بىز يېتىپ بارغاندا بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىنى مەيداندىكى ئىگىز تامغا يامىشىش سەھنىسىدە سىم-سىم يامغۇردا تۇرغۇزۇپ "مىننەددارلىق دەرسى"سۆزلەۋاتقان ئىكەن. ىز قىزىقسىنىپ يېنىغا بارغىنىمىزدا جىمى ئوقۇغۇچى دىگۈدەك باشلىرىنى سېلىشىپ، كۆز ياشلىرنى ئېقىتىشىپ مۇئەللىمنىڭ نۇتقىنى ئاڭلاۋاتقان ئىكەن، ئۇنىڭ نۇتقى دىمىسىمۇ خېلىلا تەسىرلىك ئىدى. بىز ئۇ جايدىن ئۆتۈپ تېخىمۇ يۇقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى دەپ تونۇشتۇرۇلغان 4قەۋەتلىك بىنانىڭ مەيدانىغا كەلسەك،مەيدان چېتىگىرەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىگىزگە يامىشىش پەشتىقى ئالدىدا بىر سىنىپ ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىپ بېرىشىنى كۆرۈۋاتقانىكەن،يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي ئۇلارنىڭ ئەپتىدىن بىر خىل جۇشقۇنلۇق ۋە قاتتىق قىزىقسىنىش چىقىپ تۇراتتى.

  دەل شۇ چاغدا يۇقۇرى تەرەپتىن يەنە ئىككى سىنىپ ئوقۇغۇچى يامغۇرلۇق چاپانلىرنى كىيىشكىنىچە رەتلىك تىزىلىشىپ چۈشۈپ كەلدى،باش مەشقاۋۇل بىزگە تونۇشتۇرۇپ بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دالا مەشقىگە ماڭغانلىقىنى ئېيتتى، بىز ھەيران بولۇپ "مۇشۇ يامغۇردىمۇ بارامدۇ؟"" قانچىلىك يول ماڭىدۇ؟"…دەپ سورىشىپ كەتتۇق. ئۇ بۇ خىل ھاۋانىڭ جېڭجۇدا ئادەتتىكى ھەاۋارايى ھېساپلىنىدىغانلىقىنى،پەقەت يېتەكچى ئوقۇتقۇچىدىن بىرىنى ئارتۇق قوشۇپ قويسىلا بولىدىغانلىقىنى،باسىدىغان مۇساپە 8كىلومېتىر ئىكەنلىگىدىن مەلۇمات بېرىپ ئۈلگۈردى.

  بىزنى يولدا چارچىدى دەپ قاراپ كىچىك بىر يىغىن زالىغا ئېلىپ كىردى ۋە چاي قويدى. مەكتەپ سېكرىتارى بىزنىڭ تۈرلۈك قىزىقىىش ئاساسىدىكى سۇئاللىرىمىزغا جاۋاپ بېرىپ كېلىپ دىدىكى: مەكتەپنىڭ مەھسۇلاتى زادى نىمە؟  مەكتەپنىڭ مەھسۇلاتى  بىلىم.ئوقۇغۇچىلار ئىستىمالچىلاردۇر،مۇئەللىم بولسا مۇلازىمەتچى دىمەكتۇر. بىز مەكتەپنى ئاشخانىغا ئوخشاتساق،تاماق بىلىم؛مۇئەللىم-مۇلازىمەتچى؛ئوقۇغۇچى-ئۆزى خېرىدار. دىمەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماقنى تاللاش ھوقۇقى بولىشى كېرەك،ئوقۇتقۇچى ئۆزىنى باشقۇرغۇچى ئەمەس بەلكى مۇلازىم سۈپىتىدە تۇتۇشى لازىم. دەل مۇشۇنداق بولغاندا ئاندىن مەكتەپ بىلىم بېرىش ئورنىغا ئوخشايدۇ.بىز تاماقنى ئوخشىتالمىغاننىڭ ئۈستىگە گاھىلىرىمىزدا ھە دىگەندە خېرىدارنى تىللاييدىغان-دۈشكەلەيدىغان قىلمىشلار ھېلىھەم مەۋجۈت. بۇ قانداقمۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن بولسۇن؟ بىزدە پەقەت تاماقنى تازا ئوخشۇتۇپ پىشۇرۇشقا،مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇشقا كۈچەشتىن باشقا يول يوق بولىشى كېرەك.ئىلگىركى كۆزقاراشلىرىمىزنى يېڭىلىمىغاندا دەۋرگە يېتىشەلمەي قالىمىز.دەۋر ئىلگىرلەپ ماڭماقتا،ئوقۇغۇچىلار بارغانچە مەكتەپ تاللايدىغان بولۇشتى،ئاتا-ئانىلارمۇ تاللاۋاتىدۇ، بۇ ھالدا بىز پەقەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ياخشىلاشلا يولىمىز بار،شۇنداق ئەمەسمۇ؟ يەنە مەسىلەن بىزدە مەكتەپتە ئاچقان ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرنى رىمونت قىلىش دەرسلىكى ۋە سىنىپى بار تۇرۇقلۇق،مەكتەپنىڭ شۇ قاتاردىكى ئۈسكۈنىلىرىدىن چاتاق چىقسا مەكتەپ  سىرتتىن رىمونتچى تەكلىپ قىلىپ نۇرغۇن پۇل بىلەن رىمونت قىلدۇرۋېتىپتۇ.بۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارغا(شۇ دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىغا)نىمىشقا بۇنى ئۆزىمىزنىڭ رىمونت قىلمايدىغانلىقىمىزنى ئېيتسام،ئۇلار بىزدە سوۋۇتۇش ئۇسكۈنىلىرىنىڭ ئۇ خىلدىكى كاشىلىلارنى بىر تەرەپ قىلىش دەرسلىكى ئۆتۈلمىگەن دەيدۇ،شۇمۇ سەۋەپ بولالامدۇ؟ ئېيتىپ بېقىڭلار،بىز يىللاپ ئوقۇغۇچىلارغا ئائىلە ئۈسكۈنىلىرىنى رىمونت قىلىشنى ئۈگىتىمىزيۇ،ئۇلاردا ئەڭ ئەققەللى بىلىم بولغان دائىم كۆرۈلىدىغان چاتاقلاردىن ئون خىلىنى ئوڭشاشنى ئۈگۈنۈپ چىقالمىسا بۇ بىزنىڭ مائارىپنىڭ مەغلۇبىيىتى بولماي نىمە؟ شۇڭا،دەرسلىكتە بەلگىلىگەنلىرىنى قايرىپ قويۇپ ئەمىلى مەشخۇلات ئارقىلىق تەربىيىلەشنى چىڭ تۇتىۋىدۇق،ئۇزۇنغا قالماي ئوقۇغۇچىلىرىمىز جەمىيەتتە قىزغىن قارشى ئېلىنىدىغان بولدى.مانا بۇ بىز يەتمەكچى بولغان نىشان....ئۇنىڭ دىگەنلىرى تولىمۇ ئورۇنلۇق ئىدى.چەتئەللەردە دىمىسىمۇ بۇ خىل قاراش خېلى بۇرۇنلا ئوقۇتقۇچىلاردا تىكلىنىپ بولغان،چۈنكى مەكتەپلەر ئارا بولىۋاتقان رىقابەت ئۇلارنى ئاللىبۇرۇن شۇ يولنى تاللاشقا قىستىغان.بىزدە بولسا …ھەي! مەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلىنىپ كەتتىم. بۇ يەردىكى ئادەتتىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سېكرىتارىدا مۇشۇنداق قاراش بولسا ،يۇقۇرى دەرىجىلىك مائارىپ ئەمەلدارلىرى تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىپ-بايقاپ ئولتۇرغانلار ئىكەن-دە….

   بىز بۇ بازىدىكى يېڭىچە تەربىيە ئۇسۇلى ۋە ئۈسكۈنىلىرىدىن ھەيران بولۇۋاتقىنىمىزدا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ بازىنى شاڭخەيلىكلەردەك قىلىپ قۇرۇپ چىقالمىغىنىغا ئەپسۇس چېكىپ سۆزلەپ قالدى:شاڭخەينىڭ تەربىيە بازىسىدا ئوقۇغۇچىلار ھەقىقى ئايرۇپىلان،تانكا ۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ ئىش مەشخۇلاتىنى كۆرىدۇ ۋە ئۈگىنىشىدۇ،ئەڭ يېڭى زامانىۋى ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق سۈنئى ھەمرانىڭ مەشخۇلات سېستىمىسىنى چۈشىنىپ چىقىدۇ. دېڭىز ئاستى بايلىقلىرى ۋە دېڭىز جانلىقلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىدۇ…دىدى.

  بىز شۇندىلا بىزدىكى مائارىپنىڭ نەقەدەر ئارقىدا،مائارىپ قارىشىمىزنىڭ قانچىلىك قالاق ئىكەنلىكىنى قايتىدىن تونۇپ يەتكەندەك بولۇشتۇق.

   دىمەك بۇ كۈنلۈك پائالىيىتىمىز تولىمۇ ئەھمىيەتلىك،ئۇنتۇلغۇسىز بىر پائالىيەت بولدى.

 

 

 

站内搜索  |  

Copyright © Zhengzhoushi Huimin Middle School All Rights Reserved.

伟德betvicror官网   地址:郑州市城北路4号 邮编:450000 电话:0371-66316328 电子信箱:zzhz06@163.com 官方微信号:zzshmzx

豫ICP备15024597号 教育专项备案:2010010030044 网站维护:教务处信息中心 电话:0371-66345696

XML 地图 | Sitemap 地图