+MORE通知公告
回味云台山旅游
编辑:韦德国际1946手机版  日期:2011-11-25 来源:伟德betvicror官网

يۈنتەيشەندىكى ساياھەت ئەسلىمىسى

       回味云台山旅游

قۇمۇل شەھەرلىك راھەتباغ ئوتتۇرا مەكتەپ  (دىلىشات كېرەم)

哈密市花园中学     地里夏提·克然木

يېنىمدىكى ۋېي تېخى نەچچە كۈن ئىلگىرىلا يۇنتايشان دىگەن تاغقا ھەمراھلىرى بىلەن دىيىشىپ قويغانلىقىنى مېنىڭ خالىسام بىللە چىقىپ كېلىشىمنى ئېيتتى. مەن ئەگەر مەكتەپنىڭ ئېلىپ چىقار بولسا ئورۇنسىز پۇل خەجلىمەسلىكنى ئېيتسام ئۇ مېنى:سەن بەكلا ئۇمۇدلۈك جۇمۇ دەپ مەسخىرە ئارىلاش كۈلگەنتى. شۇنداق قىلىپ ئىككى كۈن ئۆتمەي مەكتەپ مېنىڭ ئورۇنسىز خىيال قىلمىغانلىقىمنى ئىسپاتلاپ قويدى.

  يۇنتايشان مەن كۆرگەن تاغلارنىڭ ئىچىدىكى خېلى ئالاھىدىسى ئىدى،ئۇنىڭ ئالاھىدە بولىشىدا تاغ قاپتىلىغا چىققىلى بولىدىغان يول ياسالغان بولۇپ 81-يىلدىن باشلانغان بۇ قۇرۇلۇش توپتوغرا 6يىلدا نۇرغۇن ئادەم كۈچى بىلەن پۈتكۈزۈپ چىقىلغان ئىكەن.بۇ يول تاغ ئاستىدىن نۇرغۇن ئۆتۈشمە يول ياساش بىلەن پۈتكەن بولۇپ،ئەسلىدىكى بەھەيۋەت كۆركەم تاغنىڭ ھەيۋىتى ۋە سۆلىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان ئىدى.

  بۇلا ئەمەس ئەسلىدىكى تاغ قاپتىلىدىن ئاققان قار سۇلىرى ئۇزۇن يىللاردىن شەكىللەندۈگەن تاغ جىلغىسىنى ئايلاندۇرۇپ ياسالغان يوللار شۇنداقلا تاغ بىلەن بىرىككەن يېشىللىق بۇ ئىدىرەم كۆرۈنۈشلەر بىلەن بىرىكىپ ئاجايىپ كۆركەملىكنى ھاسىل قىلغان ئىدى. ئەينى چاغىدكى يىراقنى كۆرەر ئەرباپلار بۇ جىلغىلارنى ئايلاندۇرۇپ كىشىنى جەلپ قىلارلىق ئىسىل يوللارنى ياساپ ساياھەت ئۈچۈن تولىمۇ قولايلىق شارائىت ھازىرلىغان ئىكەن.

   بىز سەھەردە يولغا چىققاندا پۈتۈن شەھەرنى قاپلىغان تۇماندا شوپۇر تېنەپ يۈرۈپ بىر يېرىم سائەتلىك يولنى 3سائەتتە ئاران تاماملاپ تەستە چىققانىدۇق.تەلىيىمىزگە تاغقا چىقىشىمىزغا ھاۋا ئېچىلىپ ساياھىتىمىز تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئېلىپ بېرىلدى. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ كۈنكى ئاشۇ ھاۋادىمۇ شۇنچە كۆپ ساياھەتچىلەرنىڭ چىققانلىغى بولدى.

   ئەسلىدە يۈنتايشاننى ساياھەت قىلىدىغان مۇۋاپىق ۋاقىت 7-8ئايلار ئىكەن،شۇنداق بولغاندا ئۇ جايدىكى تېخىمۇ كۆركەم ۋە ھەيۋەت كۆرۈنۈش_چوڭ شاقىراتمىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. بىز چىققاندا ئۈچ تەرىپى ئاسمان بىلەن بوي تالاشقان بەھەيۋەت تاغدىن ئازغىنە سۇمۇ تاشتىن-تاشقا ئۇرۇلۇپ خېلى سۆلەت ياساپ چۈشۈۋاتاتتى.

  ساياھەتنى كۆپ قىلىدىغان ئىچكىرىدىكىلەرنىڭ دىيىشىچە ساياھەت_گۆزەللىك ئىزلەش سەپىرى دىيىلىدىكەن. بەلكىم شەيتان لۇغەت يەشمىسى بولسا كېرەك:" ساياھەت_ئۆزى پۇل خەجلەپ جاپا چېكىدىغان ھەركەت"دەپمۇ ئاتىلىشى باركەن. بىر ھېساپتا بۇ گەپمۇ توغرا كەپ قالىدىكەن،نىمىشقا دىسىڭىز قانچىكى ئىگىزگە ياماشسىڭىز شۇنچە ئىسىل كۆرۈنۈشلەردىن ھوزۇرلانغىلى بولغاچ سىز چوققۇم توختىماستىن يۇقۇرىغا يامىشىشىڭىزغا توغرا كېلىدىكەن. بۇ جەريان ئەمىلىيەتتە سىزنىڭ بەدەن قۇۋۋىتىڭىزنى شۇنداقلا يەنە گۆزەللىكنى بايقاش ھەم ئىنتىلىش كۈچىڭىزنى سىنايدىغان پەيت ھېساپلىنىدىكەن.

"تاغقا چىقىش ئاسان،چۈشۈش تەس"بولۇپ،سىز ھەيرانلىقتا بىلىپ-بىلمەي ئىگىز ياماشسىڭىز،چۈشۈشىڭىز شۇنچە تەسلىشىدىكەن،چۈنكى دەل بۇ چاغ سىزنىڭ قورسىقىڭىزنىڭ ئاچىدىغان،بەل-پۇتلاردىن كۈچ قاچقان ۋاقىتقا تورا كېلىدىكەن،شۇڭا دوڭغاقلاپ ئېھتىياتتا مېشىڭىزغا توغرا كېلىدىكەن.شەخسى ھېسسىياتىم شۇكى ئەگەر سىز شۇنچە گەزەل كۆرۈنۈشلەردىن خاتىرە سۈپىتىدە سۈرەتكە چۈشۈۋالمىغىنىڭىزدا،يېرىم كۈنلۈك ھاياجاندىن كېيىن خاتىرىڭىزدە قالىدىغىنى جاپالام بولىدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. شۇڭا ساياھەتتە چوققۇم بىرەر ئاپاراتنى ئۆزگە ھەمرا قىلىۋېلىش تولىمۇ مۇھىمكەن. (بۇ خىياللار دەل مەن يۈنتايشاندىن پەسكە چۈشۈپ كېلىۋېتىپ كۆڭلۈمدىن كەچكەنلىرى)،قىزىقارلىق بىر ئوخشاشلىق مەۋجۈت بولىدىكەن ئۇ بولسىمۇ سىز ئۆز ھايات مۇساپىڭىزدە خاتىرە يېزىشنى ئادەت قىلمىغىنىڭىزدا خۇددى ئىسىل كۆرۈنۈشلەردىن خاتىرە سۈرەت قالدۇرمىغاندەكلا بىر ئىش بولىدىكەن. ئەگەر ھايات كەچمىشلىرىڭىزنى ئۆز قەرەلىدە پۈتۈپ شۇ مەزگىلدە ئويلىغانلىرىڭىزنى،خوشھاللىقلىرىڭىز ھەم خالىلىقلىرىڭىزنى پۈتۈپ ماڭغىنىڭىزدا بۇ كېيىن بېرىپ خۇددى شۇ سۈرەتلەرگە قاراپ ھوزۇرلۇق بىر خىياللاردا بولغىنىڭىزغا ئوخشاش سىزگە كەلگۈسى نىمە قىلىش ياكى قايسى يولدا مېڭىش ئەسلىدىكى غايىڭىز دىگەنلەرنى ئەسكەرتىپ ھەم ئېسىڭىزگە سېلىپ،سىزنىڭ نىشانىڭىزغا يېتىشتىكى ياخشى ماياك بولۇپ قالىدىكەن.

 شۇڭا مەن كۆپلەپ ناھايىتى سەرخىل كۆرۈنۈشلەرنى تاللاپ سۈرەتكە تارتىۋالدىم ھەم چۈشتۈم، سەۋىۋى مۇشۇنداق ئىسىىل كۆرۈنۈشلەرنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىدىم. ئەمما نىمىشقىمۇ ئۆتكەن ھاياتىمدىكى تېخىمۇ مەنىلىك مىنۇتلارنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىمىگەندىمەن-ھە؟

 

 

 

 

站内搜索  |  

Copyright © Zhengzhoushi Huimin Middle School All Rights Reserved.

伟德betvicror官网   地址:郑州市城北路4号 邮编:450000 电话:0371-66316328 电子信箱:zzhz06@163.com 官方微信号:zzshmzx

豫ICP备15024597号 教育专项备案:2010010030044 网站维护:教务处信息中心 电话:0371-66345696

XML 地图 | Sitemap 地图