+MORE通知公告
七朝古都开封之旅
编辑:韦德国际1946手机版  日期:2011-12-01 来源:伟德betvicror官网

يەتتە خانلىق پايتەختى_كەيفېڭغا سەپەر

دىلىشات كېرەم

 

七朝古都开封之旅

 

(قۇمۇل شەھەرلىك راھەتباغ ئوتتۇرا مەكتەپ)

哈密市花园中学     地里夏提·克然木

"سۇ بويىدا"رومانىنى باشلانغۇچنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئوقۇپ تۇگەتكىنىم ئېسىمدە.،كەيفېڭ دىيارىغا پالانغان سوڭجىاڭ ۋە باشقىلارنىڭ كەيفېڭ مەھكىمىسىدە تارتقان رىيازەتلىرى…لىئاڭشەن ئەزىمەتلىرنىڭ باتۇرلۇقلۇرى،پاراسەتلىكلىرى…مانا شۇ چاغدىن باشلاپ ئىسمى ماڭا تونۇش بولغان كەيفېڭ دىيارى مېنقڭ نەزىرىمدە بىر ئاجايىپ ماكان ئىدى.

   بۇدا مەكتەپنىڭ بىزنى كەيفېڭ دىيارىغا بىر كۈنلۈك ساھايەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. ئەسلىدە كېيىنچىرەك ئېلىپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن،بىز كەيفېڭدا مەملىكەتلىك جۇخۇار كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ۋاقتىنىڭ 10-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن11-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە ئىكەنلىگىنى،شۇڭا ئەگەر مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا كەيفېڭغا ئېلىپ بېرىش ئويى بولمىسا ئۆزىمىز پۇل خەجلەپ(چۈنكى جېڭجۇ بىلەن ئارلىغى100كىلومېتىر،قاتناش ھەققى 7يۇەن دەپ ئاڭلىغان)بېرىپ كەلمەكچى ئىكەنلىگىمىزنى ئېيتقاندىن كېيىن،مەكتەپ تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ 18-چىسلا كۈنى بىزنى ئېلىپ يولغا چىقتۇق.

   ھاۋا تۇمانلىق ئىدى،تۇنۇگۇن بىر كۈن ياغقان يامغۇردىن يۇيۇنۇپ تازلانغان يېشىللىقلار ئارا يېڭى-يېڭىدىن قەد كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان بىنالار تۇمان ئارا لەيلەپ تۇرغاندەك تۇيۇلاتتى.ئېتىزلاردا كۆكۈرۈپ تۇرغان ئۆسۇملۇكلەرنىڭ نىمىلىكىنى پەرقلەندۇرمەك تەس،ئارىلاپ-ئارىلاپ كۈجۈم مەھەلىلەر ئۇچرايتتى(بۇنداق دىسەم بىزنىڭ يۇرتلاردىكى چول ئارىسىدا يىراقتىن كۆزگە تاشلىنىدىغان ئاز-تولا يېشىللىق ئارا قىيسىيىپ،ئۆرە-تۆپە سېلىغان كېسەك ئۆيلەرمىكىن دەپ قالماڭ)_ يېشىل ئورمان ئىچىدىكى ئىىككى-ئۈچ قەۋەتلىك دېھقان ئۆيلىرى بىر-بىرىدىن باتناشقاندەك ئۆڭ-تەتۈر قارىشىپ تۇراتتى.

 80-90مىنۇت ماڭدۇق دىگەندە ئاندىن كەيفېڭ دىيارىغا كىرىپ كەلدۇق،بۇ يەردە پەلەك بىلەن بوي تالاشقان سۆلەتلىك بىنالار يوق،بەلكى ئاساسەن دىگۈدەك 6-7قەۋەتلىك بىنالار ئىكەن.

  شوپۇرىمىز ئىلگىرى ھۆكۈمەتتە ئىشلىگەنىكەن،شۇڭا ئۇنىڭ بىلىدىغانلىرى كۆپكەن،ئۇ چۈشەندۈرۈپ كېلىپ:ئەسلى كەيفېڭ خېنەننىڭ مەركىزى بولۇپ،شەھەرنى كېڭەيتىش ئېھتىياجى ۋە ئەسلىدىكى قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلىپ 54-يىلى 10-ئايدا ئولكىلىك ھوكۇمەتنى جېڭجۇغا كۆچۈرگەن ئىكەن ۋە بۇ جايدا كونا قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەيۋىتىنى سۇندۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بەك ئىگىز بىنالارنى سېلىشنى توسۇيمىش.(ئويلىدىم:كاساپەت باشلىقلار نىمىدىگەن ئەقىللىقئاشۇ يىللاردىمۇ شۇلارنى ئويلىغۇدەك بولغاندىكىن،ھىم!)

   خۇددى بىزنى قارشى ئالغاندەك،يېتىپ بېرىشىمىزغا تۇمانلار تارقاپ كۈن ئچىلىپ كەتتى،بېيجىڭدىكى خان ئوردىسى سىياقىدا سېلىنغان بىنالار بۇ يەردە ئادەتتىكى قۇرۇلۇش ھېساپلانسا كېرەك،خېلىلا كۆپ ئىدى،مەن شوپۇردىن سەۋىۋىنى سورىسام،،ئۇ كۆپ قىسىملىرىنىڭ ئازاتلىقتىن كېيىن سېلىنغانلىقىنى،يېققىنقى يىللاردىمۇ ساياھەت ئەۋج ئالغاچ،بىر قىسىم قۇرۇلۇشلارنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ سالغانلىقىنى ئېيتتى.

                                                                                                               

  بىزنى تەلىپىمىز بويىچە،ئالدى بىلەن گۇل كۆرگەزمىسى قىلىنغان جايغا ئېلىپ باردى.بۇ ئەسلىدە ئەينى چاغلاردىكى 6خانلىقنىڭ چاھاربېغى بولغانىكەن،

  شۇنداق قىلىپ گۈللەر دۇنياسىغا شۇڭغۇدۇق.

بىزگە تەكلىپ قىلىپ بەرگەن ساياھەت يېتەكچىسىنى چېچىلدۇرۇپ،ھەممىمىز ھەر ياقتا دىگۈدەك گۈل سەيلىسىنى شەخسى باشلىۋەتكەن ئىدۇق،چۈنكى بۇ گۈللەر بىر-بىرىدىن ئۇز ھەم بەرنا ئىدى.يەنە كېلىپ لاھىيىلىگۈچىلەرمۇ تازا كېلىشتۈرۈپ جايلاشتۇرغان ئىكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسلىدىمۇ مەنزىرىلىك جاي بولغاچ،بۇ رەڭگارەڭ گۈللەر بىلەن بۇ جاي تېخىمۇ ئۆزگىچە تۈسكە كىرگەن ئىدى.سۈيى گەرچە تۇتاش بولسىمۇ كۆلللەرنىڭ ئۆز ئالدىغا چۈشەندۈرۈشلىرى باركەن،قايسىبىر پادىشاھ ساياھەت جەريانىدا سول ياقتىكى كۆلدىلا سەيلە قىلىشنى ياقتۇرىدىكەن،ئارلىقتا بىرمۇنچە ئىزاھاتلىرى بار،شۇنداق قىلىپ بۇ ئادەت شۇ چاغقىچە داۋاملىشىپ بۇ يەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ ئوڭ تەرەپتىكى كۆلدە سەيلى قىلىشنى ياقتۇرۇشۇپ كەتمەيدىكەن(تۆۋۋە! قىپقىزىل خۇراپىلىققۇ! ئەمما.نۇرغۇن شەھەرلەرنى ساياھەت قىلىش جەريانىدىغۇ مۇنداق خۇراپىلىقنى كۆپ ئۇچراتتۇق،خۇددى مەقسەتلىك ھالدا خەلققە دىنى تەربىيەنى كۈچەيتىۋاتقاندەكلا بىلىندى ماڭا.ناھايىتى كۆپ ساياھەت ئورۇنلىرىدا تۇرلۈك دىنى مۇراسىم ئورۇنلىرىنى راسلاشقان بولىدىكەن ۋە يېتەكچىلەر ئاددى نەرسىلەرگىمۇ دىنى تۈس كىرگۈزۈپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىدىكەن،بۇ ھال قارىماققا ئومۇمىيۈزلۈك ھەممە يەردە بولىدىكەن.).

 ئىككى سائەتچە ئايلىنىپ قايتىپ چىقىپ تاماققا ئولتاردۇق.كەيفېڭ شەھىرىدە مۇسۇلمانچە ئاشخانىلار بەكلا كۆپكەن،شەھەر مەركىزىدە (يەنى مىسىر ئىچىە_سېپىل ئىچىدە)بۇنچە كۆپ خۇيزۇلارنىڭ ئولتۇراقلىشىپ كەتكەنلىكى مېنى خېلى ھەيران قىلدى ۋە قازاقىستان ئالمۇتىدا ئۇيغۇرلار ئىگەللىگەن نىسبەت بەك كۆپ بولغاچ پايتەختنى ئاستانىگە يورتكەپتۇ دىگەن خەۋەر ئېسىمدىن كەچتى.

  تاماقتىن كېيىن مەسلىھەت بىلەن يەنە بىر ساياھەت مەنزىلى بولغان"چىڭمىڭخۇايۇەن"گە باردۇق،بۇ جاينى يېققىنقى يىللاردا(80يىللاردا)بىر باي سېتىۋېلىپ قايتىدىن رىمونت قىلدۇرغان  ۋە ھازىرمۇ شۇ باينىڭ ئىگىدارلىقىدا ئىكەن.مەن مۇشۇنداق داڭلىق بىر ساياھەت ئورنىنىڭ بىر شەخسىنىڭ ئىگىدارلىقىدا ئىكەنلىكىدىن ھەيران بولغانلىقىمنى ئېيتسام،ئۇلار بۇنىڭدىن ئەجەپلەنمەسلىكىمنى،مېنىڭ كۆرۈشكە ئىنتىلىۋاتقان كەيفېڭ مەھكىمىسىنىڭمۇ ئەمىلىيەتتە بۇرۇنقى كەيفېڭ مەھكىمىسى بولماستىن،بەلكى بىر باينىڭ پۇل خەجلەپ قايتىدىن ياساپ چىققانلىقىنى ئېيتتى،بۇنىڭ بىلەن ئۇ يەرنى كۆرۈش ئىستىگىم بىراقلا پەسەيدى،چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە بىز باياتىن بېسىپ ئۆتكەن مەنزىلدىكى قەدىم قۇرۇلۇشلاردىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەسمىش.

،بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ھەقىقەتەنمۇ گۆزەلكەن(ئىشقىلىپ ماڭا شۇنداق بىلىندى،چۈنكى پۈتۈن ئەتراپ سۇ بىلەن قورشالغان،كۆلنىڭ دائىرسىمۇ بەكلا چوڭ ئىدى)، ،يېشىللىققا پۈركەنگەن چۆچەكلەردىكىدەك قەدىم قۇرۇلۇش تۈسىدىكى شىپاڭ-راۋاقلار،پادىشاھقا خوشامىتىنى ئىزھارلاشقا ئالدىرىغان خېشىن بېسىپ ئۆتىدىغان گۈلزارلىققا ئوخشايدىغان ئارقا يوللار...بۇ يەردە يەنە "سۇ بويىدا"دىكى مەڭلىك ياۋا ياڭجىنىڭ قىلىچ سېتىشى،ۋۇسۇڭنىڭ ئاكىسى ۋۇدانىڭ قاسقان مانتا سېتىشى ۋە يەنە ئاللىقانداق قىزىقارلىق ئويۇنلار قويۇلۇپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ تۇرىدىكەن...مېنى قاتتىق ھەيرەتتە قويغىنى ئايرىم كۆرگەزمىخانىدەك بىر ئورۇنغا كىرىپ قالدۇق،ئۇ يەردە مەخسۇس مىلادى 160-يىللارادا نەچچە مىڭ يەھۇدىنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلىغى،بۇلاردىن بىر قىسىملىرى قايتىپ،قالغىنى كەيفېڭدا يەرلەشكەنلىگىگە ئائىت تارىخى رەسىم تەتقىقاتلار تونۇشتۇرۇلغان ئىكەن.ئۇلار نىمە دىمەكچى؟بىزنىڭ قېنىمىزدا يەھۇدىلارنىڭ قېنى بار دىمەكچىمۇ ياكى بىللە قۇرغان شەھەربۇ دىمەكچىمۇ؟ قېنى ىۇ يېتەكچى؟...3-4سائەتلىك سەيلە،بەسلىشىپ سۈرەتكە چۈشۈشلەر تۈگەپ،قايتىش ئۈچۈن يولغا چىقتۇق.

  شوپۇر بىزنىڭ تېخىمۇ كۆپرەك كۆرۈۋېلىشىمىزنى نەزەردە تۇتۇپ،شەھەر مەركىزىدىكى سېپىلنى ئەگىپ باشقا يول بىلەن قايتتۇق.ئەسلى ئورنىغا يېڭىلانغان سېپىل (شوپۇرنىڭ ئېيتىشىچە شەھەرنىڭ قاتنىشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىپ) سوغۇق تۈستە ھەيۋە بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.تارىختىن بۇيان كۈرمىڭ گۇناھلارنىڭ شاھىدى ۋە گۇناھسىزلارنى ئۆزىنىڭ سوغۇق تاملىرى ئىچىدە مەڭگۈلۈك بەنت قىلىشقا قادىر بولغان بۇ سېپىللار ئىلگىركى ھەيۋىتىدىن ھېچ قالغاندەك ئەمەس ئىدى.

  ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى بۇ كونا پايتەختكە يېڭىدىن جانلىنىش ئېلىپ كەپتۇ،ئەگەر مۈمكىن بولغىنىدا ھەپتە كۈن تۇرۇپ كونا قەلئەلىرىنى ۋە باشقا ساياھەت مەنزىللىرىنى بىرمۇ-بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان ماكانكەندۇق.شۇنداق ھېسسسىياتلار بىلەن كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا بۇ قەدىم پايتەخت بىلەن خوشلاشتۇق.

 

站内搜索  |  

Copyright © Zhengzhoushi Huimin Middle School All Rights Reserved.

伟德betvicror官网   地址:郑州市城北路4号 邮编:450000 电话:0371-66316328 电子信箱:zzhz06@163.com 官方微信号:zzshmzx

豫ICP备15024597号 教育专项备案:2010010030044 网站维护:教务处信息中心 电话:0371-66345696

XML 地图 | Sitemap 地图